قەشقەر تەۋەسىدىكى ناۋايلىق كەسپى پۈتۈنلەي خىتاي شىركەتلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-12-22
Share

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 22-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە قەشقەردىكى ناۋايلىق كەسپى پۈتۈنلەي كۆلەملەشكەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، «ھەر كۈنى 10 مىليون نان يېقىلىدۇ» دېيىلىۋاتقان بۇ كەسىپ تولۇق ماشىنىلىشىش باسقۇچىغا ئۆتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قەشقەردىكى «ۋەنفۇدۇن يېمەك-ئىچمەك شىركىتى» نىڭ ناۋايلىق سېخلىرى پۈتۈنلەي ماشىنىلاشقان بولۇپ ئۇن، سۈت، خېمىرتۇرۇچ قاتارلىق خۇرۇچلارنى ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر يۇغۇرۇشتىن تارتىپ نان يېقىش ۋە يېقىلغان نانلارنى ئوراپ-قاچىلاشقىچە بولغان پۈتكۈل جەريان مۇشۇ ماشىنىدا تاماملىنىدىكەن. شىركەت دىرېكتورى لياڭ چاۋ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ سېختا ھەر سېكونتىغا 80 توقاچ نان چىقىرالايمىز. يېقىندا بۇنى ئۆزگەرتىپ ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق بۇ ساننى 100 گە يەتكۈزمەكچىمىز» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قەشقەردىكى مۇشۇ خىل ناۋايلىق شىركەتلىرى ھازىر 11 مىليون نان يېقىش سەۋىيەسىگە يەتكەن بولۇپ، بۇ نانلارنىڭ زور بىر قىسمى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقايسى جايلارغا ئەۋەتىلىدىكەن، يەنە بىر قىسمى بولسا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يوللىنىدىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۇ ھالنى ماختاپ ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە بۇ خىل يۈزلىنىشنى ھەمبەھىرلىگەن. شۇنداقلا «شىنجاڭلىقلار بىر كۈن گۆش يېمىسە چىدايدۇ، ئەمما بىر كۈن نان يېمىسە تۇرالمايدۇ» دېگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغان، شۇنداقلا ئىقتىسادىي تاپاۋىتىنىڭ بىر مۇھىم مەنبەسى بولغان ناۋايلىق كەسپىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كېتىشى نۆۋەتتە كۆپلىگەن سوئاللارنى پەيدا قىلماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت