جۇڭغار ئويمانلىقىدىن 500 مىليون توننىلىق يېڭى نېفىتلىك بايقالدى

2020-12-01
Share

«خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئامبىرى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىن يېقىندا يەنە 500 مىليون توننىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالغان بولۇپ، خىتاي ئاخباراتلىرى بۇنى بەس-بەستە خەۋەر قىلغان.

«يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 30-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم بايقالغان زور نېفىتلىك جۇڭغار ‍ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى مىڭ كۋادرات كىلومېتىر دائىرىدە ئىكەن. خىتاي نېفىت قېزىش ئەترەتلىرى نۆۋەتتە سىناق تەرىقىسىدە قېزىشنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى پات يېقىندا ئومۇميۈزلۈك قېزىشنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ ئومۇمى نېفىت ۋە گاز زاپىسى 12 مىليارد توننىغا يېقىن بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچتىن بىرى ئېنىقلىنىپ بولغان ئىكەن.

ھالبۇكى بىر قىسىم ئۇيغۇرشۇناسلار ئىزچىل ئۇيغۇرلارنى «ئالتۇن تۇپراققا دەسسەپ تۇرۇپ دىۋانە بولۇشقا مەجبۇر بولغانلار» دېگەن شەكىلدە تەسۋىرلەپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھال ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلار ھەر كۈنى مىليون توننىلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلسىمۇ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا خىتاي بويىچە ئەڭ نامرات خەلق بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىققا قارىتىلغانىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت