كانادالىق دوختۇر: «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قانۇنسىز ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشكە خاتىمە بېرىلىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-03-13
Share

كانادالىق دوختۇر، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى فوزىيا ئالۋى كانادادىكى بىر مېدىتسىنا تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش قىلمىشىغا خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى چاقىرىق قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ سىياسى مەھبۇسلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت تۇتقۇنلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈپ ئېلىۋاتقانلىقىغا دائىر يېتەرلىك پاكىتلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىلگىرى فالۇنگوڭچىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئالغانلىقى، لېكىن ھازىر مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بۇ خىل قىلمىشنىڭ نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي دۇنيادا ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى دوختۇرلار بۇ خىل ۋەھشىلىككە توختا دېيىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ: «مەن بۇ يەردىكى ھەر بىر كىشىنىڭ تۆۋەندىكى چاقىرىقلارنى قوللاپ، ئالبېرتا ئۆلكىسىدىكى دوختۇرلارنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە خىتايدىكى قانۇنسىز ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشنى توختىتىشقا، ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن پايدىغا ئېرىشىشكە خاتىمە بېرىشكە ياردەمدە بولۇشقا چاقىرىمەن» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەر ياكى ئاجىز شەخس ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈشكە ئىشتىراك قىلغان، ئۇنىڭغا ھەمكارلاشقان دوختۇر ۋە ئورگانلارنى قوللىماسلىق، كانادا ھۆكۈمىتى خىتايدەك دۆلەتلەرگە بېرىپ، ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشنى قانۇنسىز، دەپ ئېلان قىلىشى، شۇنداقلا كانادا ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ بۇ خىل قىلمىشلارغا ئىشتىراك قىلغان دوختۇرنى پاش قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك ئىكەن. بۇ، فوزىيا ئالۋىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ چاقىرىقنى چىقىرىشى ئەمەس. ئۇ ئۆتكەن يىلىمۇ كانادانىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسىدىكى بىر قىسىم دوختۇرلار بىلەن كالگارى شەھرىدە ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويغان. نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ لاگېرلاردا ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقىغا بولغان گۇمانى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت