خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا پاسپورت بېجىرىشنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا پاسپورت بېجىرىش ئاددىيلاشتۇرۇلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ نۇرغۇن ئادەمگە قۇلايلىق ياراتقانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگەن كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىشتا يەنىلا قىينىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

9-مارت بېيجىڭدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى چې جۈن ئۇيغۇر ئېلىدا 2006 -يىلىدىن باشلاپ چىڭىتىلغان پاسپورت بېجىرىش تۈزۈمىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا قۇلايلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «سودا، ساياھەت ۋە ئوقۇش ئۈچۈن چەتئەللەرگە چىقىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەسلىدىكى پاسپورت باشقۇرۇش تۈزۈمى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشالماي قالدى.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇ تۇزۇم كۆپلىگەن ئادەملەرگە قۇلايلىق يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، بۇ تۈزۈمنى بەزى ئاز بىر ئوچۇم دىنىي ئەسەبىيلەرچە ۋە تېررورچىلار سۇيىئىستېمال قىلىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.»

ھالبۇكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ «پاسپورت رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇردۇق» دېگىنى بىر كۆز بويامچىلىقتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ تۇزۇم ئۇيغۇرلارغا كۆپ مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلمىگەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «يېقىندا ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا، دەرۋەقە خىتاينىڭ بۇنداق تەشۋىقاتنى ئۇيغۇر يېزىلىرىدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم، ئەمما پاسپورت ئېلىشقا ھەقىقىي ئېھتىياجى بولغان، مەسىلەن: چەتئەللەردە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار، ياكى جىددىي سودا سەپىرىگە موھتاج ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىشى يەنىلا قېيىن.»

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئېلىدا پاسپورت بېجىرىش رەسمىيىتى ئاددىيلاشقانلىقىنى خەۋەر قىلىش بىلەن بىرگە يەنە «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت» دەپ قارالغان 7 خىل كىشىگە پاسپورت بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ ھەقتە توختالغان دولقۇن ئەيسا مۇنداق دېدى: «ھازىر ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندا ئىككى خىل كىملىك بىلەن سەپەر قىلىدۇ. ھەتتا ئاتالمىش ‹يېشىل كارتا› نى ئېلىشمۇ ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس. بۇنداق شارائىتتا خىتاينىڭ ‹پاسپورت بېجىرىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇردۇق› دېگىنى بىر كۈلكىلىك ئىش. بىز خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سەپەر قىلىش چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرىمىز.»