خىتاي 127 دۆلەت بىلەن ئۆز‏-ئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلغان، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدا پاسپورت يىغىۋېلىش داۋاملاشماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.11.07

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۋاڭ مىڭ 24-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2015-يىلى خىتاي چېگراسىدىن كىرگەن ۋە چىققانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 520 مىليون ئادەم/قېتىمغا يەتكەن. 2016-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خىتاي چېگراسىدىن كىرگەن-چىققانلارنىڭ سانى 270 مىليون ئادەم/قېتىمغا يەتكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ھازىرغىچە 127 دۆلەت بىلەن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۋاڭ مىڭنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ھازىر جۇڭگونىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى ئاھالىلەر پەقەت كىملىك ۋە رەسىم بىلەنلا پاسپورتقا ئىلتىماس سۇنالايدۇ. شەخسىي ئىش بىلەن چېگرادىن چىقىش-كىرىش گۇۋاھنامىسى بېجىرگەنلەرنىڭ سانى 120 مىليونغا يەتتى. جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ساياھەت قىلىپ بارىدىغان دۆلەتلىرىنىڭ دائىرىسى 153 گە كېڭەيدى.»

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى ئورگانلىرى يېقىندا ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش ھەققىدە جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، دائىرىلەر پاسپورت يىغىشنى باشلىغان. بۇ ئەھۋال چەتئەلگە تۇغقان يوقلاش، ئوقۇش، سودا-تىجارەت ياكى ساياھەت بىلەن چىقىشنى ئويلىشىۋاتقان كۆپلىگەن يەرلىك ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى ئەندىشىگە سالماقتىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي مۇئاۋىن ج. خ. مىنىستىرى خۋاڭ مىڭنىڭ «جۇڭگودا پاسپورت ئېلىش ۋە چېگرادىن كىرىپ-چىش رەسمىيەتلىرى ئاسانلاشتى» دېگەن باياناتى پەقەتلا خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىگە قارىتىلغان. ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونلىرىدا بۇ رەسمىيەتلەر ئەمەلىيەتتە بۇرۇنقىدىنمۇ قىيىنلاشماقتا،» دەپ ھېسابلىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.