كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پاسپورت چەكلىمىسىنى تەنقىدلىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.11.22

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 22-نويابىر سەيشەنبە كۈنى تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پاسپورت چەكلىمىسىنى تەنقىدلىدى.

باياناتتا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ساقچىلارنىڭ ئۆز ھوقۇقىدىن ھالقىغان دەرىجىدە، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى رايونلار بويىچە كوللېكتىپ يىغىۋېلىش، مۇسۇلمانلارغا قارىتا كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى ئىنچىكە تەكشۈرۈش، سوراق قىلىش، ئۇلارنىڭ ساياھەت ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەرگە چىقىشىغا قارىتا ھەر خىل چەكلىمىلەرنى كۈچەيتىش قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا خىلاپ ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقى» تەنقىدلەنگەن.

مەزكۇر باياناتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان پاسپورت سىياسىتىدە، خىتاي پۇقرالىرىدىن پەرقلىق ھالدا يىللاردىن بۇيان ھەر خىل بەلگىلىمە، چەكلىمىلەرنى يولغا قويۇپ، پاسپورت بېجىرىشنى تەسلەشتۈرۈش، ھەتتا پاسپورت بەرمەسلىكتەك قاتتىق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مىللەتلەرگە قارىتا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشقا، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا مىللىي ۋە دىنىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزمەسلىككە چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.