بۇ يىل ئامېرىكا يۇقىرى تېخنىكىلىق پاختا يىغىش ماشىنىسى «جون دېر» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا سېتىلىشى شىددەتلىك ئارتقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-08-11
Share

بۇ يىل ئامېرىكادىكى «جون دېر» ناملىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىسازلىق شىركىتىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق پاختا يىغىش ماشىنىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا سېتىلىشى شىددەتلىك ئارتقان. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، «جون دېر» پاختا يىغىش ماشىنالىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ يىل 4-ئايدىكى سېتىلىشى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەگىلىدىكىدىن 4000 پىرسەنت ئارتقان. ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەن بىر مەزگىلدە ئامېرىكا پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ رايوندا سېتىلىشىنىڭ شىددەتلىك ئارتىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ئەھۋالنى ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا قامىلىپ، پاختا ئۈزۈشكە ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك ياكى خىتاي يېزا ئىگىلىك فېرمىلىرىدىكى ئېمبارگو ئەندىشىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» ۋە ئۇنىڭ ئىككى رەھبىرىگە ئېمبارگو قويغان. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» نىڭ تەكىتلىشىچە، 2019-يىلى 4-ئايدا ئۇيغۇر دىيارى 2 مىليون 650 مىڭ دوللارلىق «جون دېر» ماركىلىق پاختا ئۈزۈش ماشىنىسى ئىمپورت قىلغان بولۇپ، بۇ يىل 4-ئايدا بۇ 117 مىليون 600 مىڭ دوللارلارغا چىققان. بۇ يىل 5-ئايدا يەنە 94 مىليون دوللارلىق ماشىنا ئىمپورت قىلىنغان.

خەۋەردە، بۇ سودا ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختىزارلىقلارنىڭ 3 دىن بىر قىسمىنى ئىگىللەيدىغان بىڭتۇەننىڭ رايوندىكى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بىڭتۇەننىڭ قارمىقىدىكى شىخەنزە، بېيتۇن قاتارلىق شەھەرلىرىدە «جون دېر» نىڭ ماشىنا سېتىش ئورۇنلىرى بار ئىكەن. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 1-ئىيۇل كۈنى بىڭتۇەنگە ئېمبارگو قويۇپ، شىركەتلەرگە بۇ يىل 30-سېنتەبىرگە قەدەر بىڭتۇەن ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئورۇنلار بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈشىگە مۆھلەت بەرگەنىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت