ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل خىتاينىڭ نىشانى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە يۆتكىلىپ، پاختا مەھسۇلاتى تۆۋەنلىگەن

ئامېرىكانىڭ قانۇن چىقىرىپ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلىشىدىن بىر يىل كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا قاراتقان نىشانى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە يۆتكەلگەن. خوڭكوڭ تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكانىڭ ئېمبارگوسى ۋە خىتاينىڭ نىشاننى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە يۆتكىشى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدا پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ جىددىي ئازىيىدىغانلىقى، پاختا مەھسۇلاتىنىڭ ئۆتكەن يىلقىدىن 11 پىرسەنت ئازىيىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا ئىكەن.

خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 25-ئاۋغۇست خىتاينىڭ بېيجىڭدىكى پاختا بازىرى مەسلىھەتچىلىك ئورنىنىڭ مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 5 مىليون 570 مىڭ توننىغا چۈشۈشى پەرەز قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەگەر بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدا پاختا ئىشلەپچىقىرىشى 11 پىرسەنت ئازىيىپ، 5 مىليون 570 مىڭ توننىغا چۈشسە، 600 مىڭ توننىدىن ئارتۇق پاختا ئاز ئىشلەپچىقىرىلىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىشى، ئامېرىكانىڭ 2022-يىلى 6-ئايدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلاپ، بىر يىلدىن ئازراق ئاشقاندا ئازىيىشقا باشلىغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا رايوننىڭ پاختا تېرىلغۇ كۆلىمىنى قىسقارتىپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق بېيجىڭنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئاشلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇش تەلىپىنى بەجا كەلتۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن بۇ ھەقتىكى پەرەزلەردە، رايوننىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىپ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىشى، بېيجىڭنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكانىڭ رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئۈنۈملۈك رەۋىشتە توسۇشىنىڭ چوڭ رولى بارلىقىمۇ قەيت قىلىنماقتا. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۇيغۇر رايونىنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنى ئازايتىپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇر رايونى يەنىلا خىتاي پاختا مەھسۇلاتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن. خەۋەردە، بۇ يىل خىتاي ئومۇمى پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 5 مىليون 980 مىڭ توننىغا چۈشۈشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.