ئۈرۈمچىدىن شېنجېن ۋە چىچىخارغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئىككى لىنىيەدە يولۇچىلار پويىزى قاتناش باشلىغان
2016.05.18
شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچىدىن شېنجېن ۋە چىچىخارغا بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇلغان ئىككى لىنىيىدە بىرلا ۋاقىتتا يولۇچىلار پويىزى قاتناش باشلىغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېچىلغان مەزكۇر ئىككى تۆمۈريول لىنىيەسىدە قاتناش باشلانغانلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەن قۇرۇقلۇق قاتنىشىدا كۆپ لىنىيەلىك تور ھاسىل قىلغانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى ئىكەن.
ئۈرۈمچىدىن شېنجېنغا بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇلغان تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4657 كىلومېتىر بولۇپ، جەمئىي 21 شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدىكەن ۋە 48 سائەتتە ئاخىرقى بېكەتكە يېتىپ بارىدىكەن. ئۈرۈمچىدىن چىچىخارغا تۇتاشتۇرۇلغان لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5 مىڭ كىلومېتىردىن ئۇزۇن بولۇپ، جەمئىي 61 سائەتتە ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ بارىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، يېڭىدىن تۇتاشتۇرۇلغان ئۈرۈمچى-چىچىخار لىنىيەسى خىتايدىكى مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن، قاتناش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق تۆمۈريول لىنىيىسى بولۇپ قالغان.
كۆزەتكۈچىلەر، ئۇزاق مۇساپىلىك تۆمۈريول ۋە تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيەسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئاساسىي ئەسلىھە تۈرلىرى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچمەن يۆتكەش بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە بايلىق توشۇشتەك خىتاينىڭ ئىچكى ئىستراتېگىيەلىك پىلانى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.









