گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ جانبۇلاق ئايرودۇرۇمىدا ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ رەسمىي قاتناش باشلانغان

2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ كۆچمەن يۆتكەش، مەبلەغ سېلىش، ئىقتىسادىي ئېچىش ۋە ساياھەتچىلىك نۇقتىسى بولغان ئۇيغۇر ئېلى، نۆۋەتتە خىتايدىكى يولۇچىلار ئايرودۇرۇمى ئەڭ كۆپ رايونغا ئايلانغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر يولۇچىلار ئايرودۇرۇمى پۈتۈپ، رەسمىي قاتناش باشلانغان. بۇ قېتىم سانجى شەھىرىنىڭ ئاز كەم 16 كىلومېتىر سىرتىدىكى گۇچۇڭ ناھىيەسىگە قاراشلىق جانبۇلاق ئايرودۇرۇمىدا قاتناش باشلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قانچە شەھەرگە يېڭى ھاۋا قاتناش لىنىيەسى ئېچىلغان. ھالبۇكى، يېڭى ئېچىلغان بۇ ھاۋا يولى لىنىيەسى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» دەپ ئاتالغان ساياھەت ھەرىكىتى ۋە ئىقتىسادى ئېچىۋېتىشكە خىزمەت قىلىشنى چىقىش قىلىدۇ، دەپ قارالماقتا.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇچۇڭ جانبۇلاق ئايرودۇرۇمى يولۇچى كۈتۈۋېلىش سىغىمى 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن تۆۋەن بولغان رايوندىكى تۇنجى تارماق ئايرودۇرۇم، شۇنداقلا سانجى ئوبلاستىدىكى تۇنجى خەلق يولۇچىلار ئايرودۇرۇمى ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن باشلاپ ئاز دېگەن بىر مىليون ئۇيغۇرنى لاگېر، تۈرمىلەرگە قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايوننىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ناھىيەلەرگىمۇ ئايرودۇرۇم قۇرۇش ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرغان.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە گۇچۇڭ جانبۇلاق ئايرودۇرۇمىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا، كورلا، ئاقسۇ، قەشقەر شەھىرىگە، شۇنداقلا خىتاينىڭ لەنجۇ، جېڭجۇ، چېڭدۇ، فۇجۇ شەھەرلىرىگە يولۇچىلار قاتناش يولى ئېچىلغان. خىتاي تاراتقۇلىرىدا، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي بويىچە ئايرودۇرۇم ئەڭ كۆپ رايونغا ئايلانغانلىقى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلق يولۇچىلار ئايرودۇرۇمىنىڭ 26 گە يەتكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.