فىرانسىيە ئاگېنتلىقى 5-ئىيۇن كۈنى خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىللىق رامىزان ئېيى ۋە روزا ھېيتىنى قورقۇش، ئەندىشە ۋە ئىڭراش ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرى ۋە روزا ھېيت كۈنى قەشقەر، خوتەن، ئاتۇش قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىپ، بۇ رايوندىكى خەلقلەرنىڭ دىنىي ھاياتى، رامىزان ئېيى، ھېيت نامىزى ۋە مەسچىتلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەرگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ ئاتۇشقا كىرىشىنى چەكلىگەن.
خەۋەردە، بىر مىليوندەك ئۇيغۇر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان مەزكۇر رايوندا، روزا ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپ ئۇچرىمىغانلىقى بايان قىلىنغان. بەزى مۇسۇلمانلار مەسچىتكە بېرىش، ئىبادەت قىلىشتىن قاتتى قورقۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى جۈمە مۇھەممەت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەسچىتلەرنى چاققانلىقىنى رەت قىلىپ، قەشقەردە 150 تەك مەسچىت بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن فىرانسىيە ئاگېنتلىقى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ رايوندا 2017-يىلدىن بېرى 36 مەسچىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى، ئۇلاردىن 30 ئورۇننىڭ پۈتۈنلەي چېقىپ تاشلانغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.
خەۋەردە، قەشقەردەك يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىدىكى قەدىمى شەھەردە ئەرزان ئاۋازىنىڭ غايىب بولغانلىقى، مەسچىتكە ناماز ئوقۇشقا بارىدىغانلارنىڭ قالمىغانلىقى، چارشەنبە كۈنى ھېيتگاھ مەسچىتىگە ھېيت نامىزىغا كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خوتەننىڭ ئەھۋالىمۇ بۇنىڭدىن پەرقلەنمەيدىكەن.
خەۋەردە، خوتەن شەھەردىكى بىردىن بىر مەسچىتتە ئۆتكەن ھەپتە جۈمە نامىزىغا 100 دەك ئادەم قاتناشقانلىقى، لېكىن ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ياشانغانلار ئىكەنلىكى، تاراۋى ۋاقتىدا بۇ مەسچىتتە ھېچقانداق ئادەم قالمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە يەنە، بۇنىڭغا قارىماي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداۋاتىمىز»، مۇسۇلمانلار «قانۇن يول قويغان دائىرە ئىچىدە رامىزاننى تەبرىكلىشىگە يول قويۇلىدۇ» دەپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ بىر مىليوندەك ئادەم قامالغان لاگېرلارنى «كەسپىي ماھارەت مەركەزلىرى» دەپ ئاقلاۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر ئەمەلدار، «كەسپىي ماھارەت مەركەزلىرى» دىكىلەرنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىشىگە بولمايدىغانلىقى، لېكىن ئوقۇغۇچىلار ھەپتە ئاخىرى ئۆيلىرىگە قايتقاندا تەبرىكلىسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
