خىتاينىڭ بۇ يىلمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا داۋاملىق چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا داۋاملىق چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىرقانچىلىغان يەرلىك ھۆكۈمەت تورلىرىدارامىزان ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنىپ، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشقا بولمايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

كورلا شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىدا ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان جىددىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: «پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، دۆلەت مەمۇرلىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ياش قورۇمىغا تولمىغانلار بىردەك روزا تۇتۇشقا ياكى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.»

بۇ خىلدىكى ئۇقتۇرۇش ۋە بەلگىلىمىلەر يەنە ئۈرۈمچىنىڭ بۇلاقتاغ رايونلۇق ھۆكۈمەت تورىدا ۋە ئالتاي شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىدىمۇ كۆرۈلگەن.

«خەلق تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىغا بېرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭرامىزان ئېيىنى قۇتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دىنىي ساھەدىكىلەرگە سۆز قىلىپ، ئۇلارنىڭ «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇش» ئىنى تەلەپ قىلغان.

تېخى ئۆتكەن ھەپتە خىتاي دۆلەت كابىنېتى ئىشخانىسى «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى» ناملىق ئاقتاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى جەھەتتىن ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقى» نى كۆرسەتكەن ئىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە دىنىي ئەركىنلىك توغرىلىق ئاقتاشلىق ھۆكۈمەت كىتابى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىچكى جەھەتتە چىقارغان بىر يۈرۈش بەلگىلىمىلىرى ئۇلاردا ئەزەلدىنلا دىنىي مەسىلىگە نىسبەتەن ھېچقانداق سەمىمىيەتنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.