ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 46-ئوتتۇرا مەكتەپ «رامزان ئېيى مەزگىلىدە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش بويىچە ئاتا-ئانىلارغا ئوچۇق خەت» ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ئىمزا قويۇپ، كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
بۇ ئوچۇق خەت دەل خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى» ناملىق ئاقتاشلىق ھۆكۈمەت كىتابى ئېلان قىلغان شۇنداقلا خەلقئاراغا «شىنجاڭدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تارىختىكى ھەرقانداق بىر دەۋرگە قارىغاندا ئەڭ ياخشى ھالەتكە كىردى» دەپ داۋراڭ سېلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققان.
مەزكۇر «ئوچۇق خەت» نىڭ 3-بۆلىكىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئوقۇغۇچىلار دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا بولمايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار پارتىيەمىزنىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى قوللاپ، پەرزەنتلىرىنىڭ توغرا بولغان ئىدىيەۋىي-سىياسىي ساپا يېتىلدۈرۈشىگە ئەھمىيەت بېرىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا بېرىشى، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى، جۈملىدىن روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش، مەسچىتكە بېرىش، دىنىي تۈس ئالغان كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىش ۋە دىندىن ساۋات ئېلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەردە بولۇشىنى ھەر ۋاقىت چەكلىشى ۋە ئالدىنى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.»
ئاتا-ئانىلارغا ئەۋەتىلگەن بۇ ئوچۇق خەتكە ئاتا-ئانىلارنىڭ بىردەك ئىمزا قويۇپ، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن كاپالەت بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئاراغا ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ئەھۋالى» ناملىق ئاقتاشلىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلار بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچكى قىسمىغا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي سىياسىتىنىڭ تامامەن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
