ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى روزا ھېيتنىڭ 1‏-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 30 كۈن رامىزاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە ئەركىن ئىبادەت قىلىشىغا چەكلىمە قويغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

باياناتتا، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس رېس، خىتاينىڭ خىزمەتچىلەر، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە ئىبادەت قىلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى تەنقىدلەپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى رەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاساسى قانۇنى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە خىلاپلىق قىلدى» دېگەن.

باياناتتا يەنە، خىتاينىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى دىنىي ئەركىنلىك» ئاق تاشلىق كىتابى تەنقىد قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتى بولۇپمۇ ئۇنىڭ رامىزان مەزگىلىدىكى سىياسىتى «ھۆكۈمەتنىڭ ‹شىنجاڭدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ› دېگەن پىكرىنى يالغانغا چىقىرىۋاتىدۇ» دېيىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى رامىزاننىڭ ھارپىسىدا ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇلار دىنىي ئەركىنلىكنىڭ «ئەڭ ياخشى دەۋرى» نى ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مەزكۇر باياناتى پاكىستان دىنىي تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر رايونىنى تەكشۈرۈپ، رايوندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى قوغدىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.