خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەر ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە زەربە بېرىشنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىپ، ھەممىلا يەردە «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نى قۇرۇپ، كادىردىن تارتىپ، دېھقان ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى، تىجارەتچى ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور ساندىكى ئۇيغۇرلارنى سولاپ، سىياسىي تەربىيە بېرىۋاتقاندا، يەنە بىر سىياسىي-قانۇن ساھەسىگە ئائىت ئايرىم تولۇق ھوقۇقلۇق ئورگان - ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى رەسمىي قۇرۇلدى.
27-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى دەپ ئاتالغان مەزكۇر ئورگان رەسمىي ۋىۋىسكا ئاسقان بولۇپ، بۇ مۇراسىمغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى لى پېڭشىن، مەزكۇر رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لو دوڭچۈەن قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنى قۇرۇشتىكى مەقسەت كومپارتىيەنى ئومۇمى يۈزلۈك ئىدارە قىلىش ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ «ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ھەم ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت باش نىشانى قەتئىي قوغداش» تىن ئىبارەت ئىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، خىتاي دۆلەت كابىنېتى ۋە ھەربىي ئىسلار كومىتېتى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان ھېسابلىنىدىغان-خىتاي دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تارمىقى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى 105 ناھىيە ۋە شەھەردە ھەم ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 14 دېۋىزىيىسىدە تارماق كومىتېتلار قۇرۇلۇپ بولۇنغان ئىدى.
بۇ كومىتېت ئاساسلىقى كادىرلار، خىزمەتچىلەرگە قارىتا سوراق قىلىش، تەكشۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش ۋە باشقا ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر كومىتېتنىڭ خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكى ئاساسىي ۋەزىپىسى چىرىكلىكنى بىر تەرەپ قىلىش بولسا، ئۇيغۇر رايونىدىكى پائالىيىتىدە ئۇيغۇر كادىرلىرى، ئىش-خىزمەتچىلىرىنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلمىشى، جۈملىدىن ئۇلاردىكى مىللىي ئىدىيە، دىنىي خاھىشلار ۋە باشقىلارغا زەربە بېرىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى مۇمكىن.