خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىليونلاپ لاگېرغا قامىشى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە تەشكىللىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولغان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇزى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك بېشارەتلەر بېرىلمەكتە.
«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك (ج خ) ئىدارىسى خىتاي ھۆكۈمىتى 2020-يىلى ئىيۇلدا ئالغان قارار بويىچە «8-يانۋار ساقچىلار بايرىمى» نى تەبرىكلىگەن. شۇنىڭدەك ۋىلايەت بويىچە بارلىق ساقچىلار سەپ بولۇپ، خىتاينىڭ ساقچى بايرىقىغا يۈزلەنگەن ھالدا «تۆتتە پولاتتەك بولغان ساقچىلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش» ھەققىدە قەسەم بەرگەن. قەسەمياد يىغىنىدا ساقچىلار قوشۇنىنىڭ نۆۋەتتىكى باش تېما بولغان مۇقىملىقنى ساقلاش، «رەزىل ۋە قارا كۈچلەر» نى يوقىتىش ساھەسىدە زور خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ جەھەتتە سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىشى لازىملىقى، شۇنىڭدەك ئۆلۈپ كەتكەن ساقچىلارغىمۇ ياخشى نەپىقە بېرىلىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. شۇنىڭدەك 2021-يىلى 1-ئىيۇل كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقى ئۈچۈن قاتتىق ئۆلچەم ۋە تەلەپ بويىچە خىزمەت قىلىشى، شۇ ئارقىلىق مۇقىملىققا ئالاھىدە تۆھپە قوشۇشى تىلغا ئېلىنغان.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بۇ خىل سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئورۇنلىرى ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەرنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئانالىزچىلار بۇ خىل «قاتتىق ۋە پولاتتەك» خىزمەت ئىپادىسىگە ئىگە بولۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشتىن باشقا مەنىسىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ خىل پائالىيەتلەر ھەرقايسى جايلاردىكى بارلىق ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە داۋام قىلماقتىكەن.