ئۇيغۇر رايونىدىكى ناھىيەلەرگە ساقچى ۋە «ئىدىيەۋى تەربىيە يېتەكچىسى» قوبۇل قىلىش داۋاملاشماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.03.04

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى ناھىيەلەرگە ساقچى ۋە «ئىدىيەۋى تەربىيە يېتەكچىسى» قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقىرىپ، ئامانلىق ۋە ئىدىيەۋى كونتروللۇق جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

يېقىندا بايىنغولىننىڭ لوپنۇر ۋە چاقىلىق ناھىيەسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ساقچى ۋە يېزا ياشلىرىنىڭ «ئىدىيەۋى تەربىيە يېتەكچىسى» قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، چاقىلىق ناھىيەسى مەزكۇر ناھىيەنىڭ ج خ ئورۇنلىرىغا 100 نەپەر خىزمەتچى، لوپنۇر ناھىيەسى 14 نەپەر «يېزا ياشلىرىنىڭ ئىدىيەۋى تەربىيە يېتەكچىسى» نى قوبۇل قىلىدىكەن. لېكىن خەۋەردە، ئۇلارنىڭ كونكرېت قانداق ۋەزىپە ئاتقۇرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

چاقىلىق ناھىيەسى يۇقىرىقى ئۇقتۇرۇشنىڭ «پارتىيە 19‏-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلىپىگە بىنائەن» چىقىرىلغانلىقى، لوپنۇر ناھىيەسى «ئوبلاستنىڭ يېزا ياشلىرىنىڭ ئىدىيەۋى تەربىيە يېتەكچىلىرىنى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى» غا بىنائەن 14 نەپەر يېتەكچى قوبۇل قىلىش تەستىقلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بۇ پەقەت، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيىدا بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر قايسى ناھىيەلەرگە قوبۇل قىلىنغان خادىملارنىڭ ئاز بىر قىسمى خالاس.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى زىيالىي، كادىر، دىنىي زات ۋە كەسپىي خادىملارنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى خىتايلار بىلەن توشتۇرماقتا ئىكەن.

چاقىلىق ۋە لوپنۇر ناھىيەلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بايىنغولىن ئوبلاستى ئاتالمىش «قارا گۇرۇھلار» ۋە «رەزىل كۈچلەر» نى ئومۇمىي يۈزلۈك تازىلاش ھەرىكىتى قوزغىغان بىر ۋاقىتتا چىقىرىلغان.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ نىشانى «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلار، دىنىي زاتلار، ئەرزدارلار، ئىئانە توپلىغان خەير-ساخاۋەتچىلەر، ئاساسى قاتلامغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان ئاتالمىش «بۆلگۈنچى» كۈچلەرگە قارىتىلغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.