قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ساقچىلارنىڭ ئەمەلىي جەڭ ماھارىتى مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن
2020.05.14
شىنخۇا تورىنىڭ 14-ماي بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ئەمەلىي جەڭ مەشىقى ۋە نەق مەيدان ماھارىتىنى سىناش مانېۋىرى ئۇيۇشتۇرغان.
10-ماي كۈنى قەشقەر ۋىلايەتىگە قاراشلىق ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ساقچىلارنىڭ 2020-يىللىق ئەمەلىي جەڭ مەشىقى ۋە ماھارىتىنى سىناش مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2019-يىلى 8-ئايدىن بۈگۈنگە قەدەر قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تۈرلۈك شەكىللەردە ساقچىلارنىڭ ئەمەلىي جەڭ مەشىقى ۋە ماھارىتىنى سىناش مانېۋىرى ئېلىپ بارغان. خەۋەردە بۇ مانېۋىرلارنىڭ قەشقەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىكىگە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.
چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ساقچى ئورگانلىرىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە ساقچىلارنىڭ ئەمەلىي جەڭ ماھارىتىنى سىناش مانېۋىرى ئېلىپ بېرىشى ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.