ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى خىتاي بويىچە خىزمەت كۆرسەتكەن دەپ باھالانغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.05.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلىتنىڭ خىتاي زىيارىتى تېخى ئاخىرلاشمايلا، خىتاي ھۆكۈمىتى مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسزلىكى سېستىمىسىدىكى خىزمەت كۆرسەتكەن ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بىڭتۇەنگە قاراشلىق ساقچى سىستېمىسىدىكى بىر تۈركۈم كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر بار ئىكەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن قاراماي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جەرەنبۇلاق رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى ۋە دۆربىلجىن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى خىتاي بويىچە «مۇنەۋۋەر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى» بولۇپ باھالانغان.

غۇلجا ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چارلاش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش چوڭ ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى خې يۇڭجۈن قاتارلىق سەككىز كىشى «مەملىكەت بويىچە ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ساقچى» بولۇپ باھالانغان؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى مىدۇڭ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى داۋشياڭ يولى ساقچىخانىسى قاتارلىق 19 كوللېكتىپ خىتاي بويىچە «مۇنەۋۋەر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئاساسىي قاتلام ئورنى» بولۇپ باھالاندىغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەت خىتاي بويىچە مۇكاپاتلانغان ساقچى ئىدارىسى ۋە ساقچىلار ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق بىڭتۇەنگە تەۋە كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-دىۋىزىيەسى قاراشەھەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، 10-دىۋىزىيە بېيتۈن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چاغانتوڭگە ساقچىخانىسى، 3-دىۋىزىيە قەشقەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جياخې بازارلىق ساقچىخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار ۋە ئۇندىن باشقا ھەرقايسى دىۋىزىيەلەرگە قاراشلىق ساقچى ئورگانلىرىدىكى ساقچى خادىملىرى بار ئىكەن.

بۇندىن باشقا يەنە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالاھىدە ۋەزىپە تارماقلىرى بويىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ۋەزىپە تارماق ئەترىتى «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئاساسىي قاتلام ئورنى» بولۇپ باھالانغان.

دىققەت قوزغايدىغىنى، مۇكاپات تاپشۇرۇۋالغان ساقچى ئورگانلىرى ۋە خادىملىرى ئاساسەن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلارغا تەۋە بولۇپ، بۇ ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئالغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى گو شېڭكۇن نەمۇنىچىلارنى تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە «پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر خىتايچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك» دېگەن.

يېقىندا «خىتاي ساقچى ھۆججەتلىرى» نامىدىكى خىتاينىڭ لاگېر تۇتقۇنلىرىغا ئالاقىدار بىر يۈرۈش مەخپىي ھۆججەتلىرى ئاشكارىلانغان، خەلقئارا ئاخباراتلاردا بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلار قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا بىۋاسىتە قولى بولغان ئۇيغۇر رايونى ۋە بىڭتۇەنگە قاراشلىق ساقچىخانىلار ۋە ساقچى خادىملىرىنىڭ مۇكاپاتلىنىشى، جىددىي دىققەت قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت