دائىرىلەر تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى جانلاندۇرۇشقا كۈچىمەكتىكەن

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل ئەتىياز يېتىپ كېلىشى بىلەن دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جاي-جايلىرىدا «مەشرەپ»، «نورۇز پائالىيىتى»، «چېچەك بايرىمى» ۋە «مەدەنىيەت ساياھىتى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاممىۋى پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇشقا باشلىغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل ئەتىياز يېتىپ كېلىشى بىلەن دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جاي-جايلىرىدا «مەشرەپ»، «نورۇز پائالىيىتى»، «چېچەك بايرىمى» ۋە «مەدەنىيەت ساياھىتى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاممىۋى پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇشقا باشلىغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەردىن يېقىندا غۇلجىدا چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى مەشرەپ، تۇرپان، توقسۇندا «چېچەك بايرىمى»، ئاقسۇدا «دولان-كۈسەن مەدەنىيەت بايرىمى» دېگەندەك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرى مەزكۇر بايراملار ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئارقا-ئارقىدىن خەۋەر بېرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن مەزكۇر پائالىيەتلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى بىرقانچە يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇق» قا باغلاپ كەڭ كۆلەمدە خەۋەر بېرىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىدىغان خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئازلاپ كەتكەن.

دائىرىلەر يېقىندىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ساياھەتكە كېلىدىغان خىتايلارغا مۇكاپات بېرىش، سوۋغا تەقدىم قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن رايوننىڭ يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقان ساياھەتچىلىكىنى جانلاندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ يىل ئەتىياز يېتىپ كېلىشى بىلەن دائىرىلەرنىڭ رايوندا ھەر خىل ناملاردىكى بايراملار بىلەن مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشى تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تىنچ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ھەمدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى جەلپ قىلىش ئۈچۈندۇر، دەپ كۆرسەتمەكتە.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org