دەريا بويى يېزىسى ساياھەت ئورنىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلدى

خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيىسىدىكى ئەڭ قەدىمىي ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەھەللىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ «فولكلور مۇزېيى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن دەريا بويى يېزىسى 2019-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىش ھەرىكىتىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقان ئىدى. شۇ قېتىمدا دەريا بويى يېزىسىنىڭ ئاھالىلىرى كۆچۈرۈلۈپ، پۈتۈن يېزا تاشلاندۇق ھالغا كەلتۈرۈلگەن ئىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 22-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە دەريا بويى يېزىسىنىڭ قالدۇقلىرى ئورنىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان ساياھەت شىركەتلىرى ساياھەتچىلەرنى قانداق جەلپ قىلىش، بۇ جايغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنى قانداق كۈتۈۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئويلاشماقتا ئىكەن. بۇ ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ بىرىگە ئىشقا چۈشكەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرى دەريا بويى يېزىسىدىن چىققان تۇنجى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قۇرباننىسا خىتاي مۇخبىرغا سۆز قىلىپ، «ساياھەتتىن 200 مىڭ سوم (تەخمىنەن 30 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) كىرىم قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز،» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى دەريا بويى يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى نەچچە يۈز يىللىق ئانا ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈۋېتىشنى «ئۇيغۇرلارغا بەخت ئېلىپ كەلدۇق» دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرىدىن تارىخ پەنلىرى دوكتورى قاھار بارات بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيادا يوق بىباھا فولكلور بايلىقىمىزنى يوق قىلىۋېتىپ، ئەمدى بۇ جايدا ساياھەت نۇقتىسى ئاچىمىز دېگىنى ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى قىلمىشىنى يوشۇرۇش ۋاسىتىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس،» دېدى.