خىتاي تارىم ۋادىسىنى زور كۆلەملىك كۆكتاتچىلىق بازىسىغا ئايلاندۇرماقچىكەن

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.02.16

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرىشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 16-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى «جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى كۆكتاتچىلىق يەر مەيدانىنىڭ نىسبىتى ئىلگىرى پۈتۈن شىنجاڭ كۆكتاتچىلىق يەر مەيدانىنىڭ تۆت ئۈلۈشىنى ئىگىلىگەن بولسا، ھازىر سەككىز ئۈلۈشىنى ئىگىلەيدىغان بولدى» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تارىم ۋادىسىنىڭ ئىسسىق ھاۋا كىلىماتى تۈپەيلىدىن يەرنىڭ شورلىشىشى ئېغىر بولۇپ كەلگەن. بۇ بولسا كۆكتاتچىلىققا پەقەتلا ماس كەلمەيدىغان بىر مۇھىتنى پەيدا قىلغان ئىكەن. ئەمما 2020-يىلىدىن باشلاپ پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈش ئومۇملاشقاندىن كېيىن، بۇ ھال ئۆزگەرگەن ئىكەن. شۇنداقلا پارنىكتا ئۆستۈرۈلىدىغان كۆكتاتلارنىڭ تۈرلىرىمۇ كۆپەيگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى سەككىز كۆكتاتچىلىق شىركىتى 2021-يىلىلا 150 مىڭ توننىدىن ئارتۇق كۆكتاتنى سىرتقا يۆتكەپ ساتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ سانائەت ۋە يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ ئۆزگەرتمەكچى بولۇشى، جۈملىدىن 2021-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ چوشقا بېقىش بازىسى ۋە ناۋايلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقى، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئېنېرگىيە ۋە خام ئەشيا بازىسى بولۇشتەك رېئاللىققا قوشۇلغان يېڭى مەزمۇنلار بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك خەلققە ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەنپەئەت يەتمەيلا قالماستىن، غايەت زور كۆلەملىك بۇ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇھىتىنى مىسلىسىز دەرىجىدە ۋەيران قىلىدىغانلىقى ھەر ساھە كىشىلىرىنى ئىزچىل ئەندىشىگە سېلىپ كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.