خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئايرودروم كۆپەيتىشى دىققەت قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ماس ھالدا يېقىندىن بۇيان «بوشلۇقتىكى يىپەك يولى» دېگەن نامدا بىر قاتار قۇرۇلۇشلارنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. شۇ قاتاردا 2019-يىلىنىڭ ئۆزىدە پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭىدىن توققۇز ئايرودروم بەرپا قىلىپ چىققان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 31-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدا يېڭىدىن 16 ئايرودروم ياسىلىدىكەن.

ئانالىزچىلارنىڭ پىكرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئايرودروم خىزمەتچىلىرى ھەمدە ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتايلار بولۇپ، يەرلىك ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن قىلچىلىكمۇ مەنپەئەتدار بولالمايدىكەن. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئايردروم قۇرۇلۇشى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى ئايرودروملار ھەرقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ھەركىتىگە ۋاستە ھەمدە بىۋاستە ياردەمچى بولۇش رولىنى ئوينايدۇ،» دېدى.