ئۇيغۇر دىيارىدىكى كەنتلەردە «توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ» دائىرىلەرگە ھۆددىگە بېرىلمەكتە ئىكەن
ئۇيغۇر رايونىدىكى بەزى ناھىيىلەردە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆز ئالدىدا شەخسىي توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈشى چەكلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بەزى ناھىيىلەردە دائىرىلەر يەرلىك ئاھالىلەرنى كېلىشىم گە ئىمزا قويدۇرۇپ، «توي-تۆكۈن، نەزىر چىراغ» دېگەندەك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى كەنتلەرنىڭ «توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ كېڭىشى» گە ھاۋالە قىلىش، بۇ پائالىيەتلەرنى بىردەك كەنت پائالىيەت مەركەزلىرىدە ئۆتكۈزۈش يولغا قويغان. يەرلىك تاراتقۇلاردا «ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتى» دېگەن نامدىكى بۇ تەشەببۇسنىڭ «يېڭى مەدەنىي تۇرمۇش كەيپىياتى يارىتىش» نى مەقسەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، «ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئىسلاھ قىلىش» نامىدىكى بۇ تەشەببۇس «ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى يوقىتىشقا قارىتىلغان» ئىكەن. ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسى يۇقىرىقى «ئىسلاھات» يولغا قويۇلغان ناھىيە بولۇپ، مەزكۇر ناھىيىگە قاراشلىق ھەر قايسى كەنتلەردىكى بارلىق دېھقانلار يۇقىرىقى كېلىشىمگە ئىمزا قويدۇرۇلغان. «ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 28-يانۋار خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، دېھقانلار ھەر قايسى كەنتلەرنىڭ «ئىككى كومىتېت» رەھبەرلىك ھەيئىتى بىلەن «توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈش كېلىشىمنامىسى» ناملىق بۇ توختامنى ئىمزالىغان. كېلىشىم دېھقانلار توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزمەكچى بولسا پۇلىنى كەنتنىڭ «توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ كېڭىشى» گە تاپشۇرۇپ، شۇلارنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلىدىكەن.
خەۋەردە، ئىككى كۈن ئاۋۋال توقسۇنىڭ بەلكەستى كەنتىدىكى بىر دېھقاننىڭ توي-تۆكۈن ئىشىنى بۇ كېڭەشكە ھاۋا قىلغانلىقى، توي-تۆكۈن ئىشلىرىنى شۇلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ كېڭىشى دېھقانلارنىڭ توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىنى كونترول قىلىشتىن ھالقىپ خەتنە توي، تۇغۇلغان كۈن، ئالتۇن توي دېگەندەك كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ پۈتۈن پائالىيىتىنى كونترول قىلىشقا ئۆتكەن.