خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى بەزى ناھىيىلەردە داۋاملىق زاسېداتىل تەيىنلىمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-02-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بەزى ناھىيىلەردە داۋاملىق زاسېداتىل تەيىنلەۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئىككى كۈن ئاۋۋال دائىرىلەرنىڭ ئاۋات ۋە كەلپىن ناھىيىلىرىدە كۆپلەپ زاسېداتىل تەيىنلىگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. 8‏-فېۋرال ئۇنىڭ ئاتۇش شەھىرى ۋە ئاقتۇ ناھىيىسىدە زور كۆلەملىك زاسېداتىل تەيىنلىگەنلىكى مەلۇم بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغان بىر مەزگىلدە ئۇنىڭ ھەر قايسى ناھىيىلەرگە كۆپلەپ زاسېداتىل تەيىنلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئاقتۇ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ناھىيىلىك ئەدلىيە ئىدارىسى مەزكۇر ناھىيىدە 100 نەپەر زاسېداتىل تەيىنلىگەن. زاسېداتىللارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر، ئازراق بىر قىسمىنىڭ خىتاي ۋە قىرغىز بولۇشى دىققەت قوزغىغان. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە ئاتۇش شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىمۇ 100 نەپەر زاسېداتىل تەيىنلەش ئېلانى چىقارغان ئىدى. لېكىن خەۋەردە، نېمە ئۈچۈن ھەممە ناھىيە بىرلا ۋاقىتتا بۇنچىلىك كۆپ زاسېداتىلغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىلمىگەن. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئاتۇش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان شەھەرلەرنىڭ بىرى ئىكەن. رادىيومىز تېخى ئىككى كۈن ئاۋۋال لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلدى، دەپ قارالغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركۈملەپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەنلىكىنى دەلىللىگەن. بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتقۇنلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ قاماق جازاسى بېرىپ، گەنسۇ، ئىچكى موڭغۇل، شەنشى، خېيلوڭجاڭ قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىگەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت