خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ مەسىلىلىرى بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» دا ئاشكارىلانغان تەپسىلاتلار دىققەت قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن «شىنجاڭ مەسىلىلىرى بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» نىڭ 69-قېتىملىقى 1-مارت كۈنى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا چاقىرىلغان ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشقا دائىر بىر قاتار ئەھۋاللار تېخىمۇ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى نامىدا چاقىرىلىدىغان بۇ يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى ئېلىجان ئانايەت ۋە شۇ گۇيشياڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئاينۇر مەخسەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇرى سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ لاڭتاۋ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەھۋاللار توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 1-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئېلىجان ئانايەت ۋە شۇ گۇيشياڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شادىمانلىق ۋە بەختىيارلىق ئىچىدە ھايات كەچۈرىۋاتقانلىقى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكى دېگەندەك كونا مۇقامنى تەكرارلىغان ھەمدە پۈتۈنلەي خىتايچە سۆزلەيدىغان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ۋىدىيوسىنى كۆرسىتىپ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ «ساغلام» ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن مۇخبىرلار «شىنجاڭدىكى ئ‍اساسلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇلغانلىقىغا ئىككى ئاي بولدى. شىنجاڭدىكى سىياسەتلەردە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟» دەپ سورىغان. شۇ گۇيشياڭ بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بېرىپ: «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق رەھبەرلەرنىڭ ئالماشقانلىقى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئېتىۋار بەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. شۇنداقلا شىنجاڭدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىك ئورنىتىشقا بولغان ئۈمىدى. بۇ باش پىرىنسىپ ھەمدە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىق يارىتىش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ھەمدە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتەك نۆۋەتتىكى خىزمەت مېتودى قەتئى داۋام قىلدۇرىلىدۇ» دېگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى سىستېمىسىدىكى «ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلار» مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن زور تۇتقۇن ھەققىدە سورالغان سوئالغا ۋاڭ لاڭتاۋ جاۋاب بەرگەن. ئۇ سابىق نازىر ساتتار ساۋۇتنىڭ 2002-يىلىدىن باشلاپ «غەرەزلىك» ھالدا ئالىمجان مەمتىمىن، ئابدۇراززاق سايىم، تاھىر ناسىر، يالقۇن روزى، ۋاھىتجان ئوسمان قاتارلىقلار بىلەن شايكا ئۇيۇشتۇرۇپ «يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈش، ئۆز مىللىتىمىزنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلىش، خىتايغا دائىر مەزمۇنلارنى سىقىپ چىقىرىش» دېگەن يېتەكچى پىرىنسىپنى تۈزۈپ چىققانلىقى، مۇشۇ خىل يېتەكچى پىرىنسىپ بويىچە بۆلگۈنچىلىك، تېرورلۇق، دىنىي ئاشقۇنلۇق مەزمۇنلىرىنىڭ دەرسلىك كىتابلاردىن كەڭ ئورۇن ئالغانلىقى، 13 يىل جەريانىدا 25 مىليون پارچە بېسىلغان بۇ دەرسلىك كىتابلارنىڭ ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى «زەھەرلىگەنلىكى» نى سۆزلەپ ئۆتكەن. ئاخىرىدا «مۇشۇنداق زور بۆلگۈنچىلىك دېلوسى قانۇن بويىچە ئادىل بىر ياقلىق قىلىندى» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يىغىن ئاخىرىدا ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە ئاكتىپ قەلەم تەۋرەتكەن مۇتەخەسسىسلەرگە، جۈملىدىن ئادريان زېنز قاتارلىقلارغا ھاقارەتلىك ھۇجۇم قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى ئۆتكەن بىرنەچچە يىل مابەينىدە ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىن تەييارلانغان «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» نى چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرۇش پائالىيىتى بىلەن ماس قەدەمدىكى بۇ پائالىيەتلىرى بىردەك «دۇنيا جامائىتىنىڭ كۆزىنى بوياش ۋە ھەقىقەتنى يوشۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى» دەپ قارالماقتا ئىكەن.