ۋاڭ ياڭ ئۇيغۇر رايونىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، «پارتىيەنىڭ شىنجاڭ سىياسىتى» نى تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.03.23

خىتاي سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، خىتاي خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېقىندا ئۇيغۇر رايونىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نى ياخشى تونۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ۋاڭ ياڭ 18-مارتتىن 22-مارت كۈنىگىچە ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى يېزا-كەنت، مەھەللە، مەكتەپ، كارخانا ۋە مەسچىتلەردە «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش» ئېلىپ بارغان، 5 يىلدىن بېرى بۇ رايوندا تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىپ باقمىغانلىقىنى ماختىغان ھەمدە كادىرلار ۋە ئاممىدىن «شى جىنپىڭ ئىدىيەسىگە سادىق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ساقلاش» نى تەلەپ قىلغان.

ۋاڭ ياڭ يەنە «پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبتا كېڭىيىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەرلىك بىلەن بىڭتۇەننىڭ قوشۇلۇشىنى تېزلىتىش» ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا كرىزىسى داۋام قىلىۋاتقان، رۇسىيەنى داۋاملىق قوللاش-قوللىماسلىق مەسىلىسىدە قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر «بىر بەلۋاغ بىر يول» دىكى مەنپەئەتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، بۇ يولنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغان ئۇيغۇر رايونىنى كونترول قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىدىكەن ھەم 5 يىلدىن بېرى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا يۈرگۈزۈپ كەلگەن قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.