خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا يەنە 200 مىڭ ئائىلىنى يۇرت-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈشنى پىلانلىماقتىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-05-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزىلاردا «ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» پىلانى بويىچە يەنە 200 مىڭ ئائىلىنى كۆچۈرۈشنى پىلانلىماقتىكەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە ياردىمى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ قۇرۇلۇشتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزا ئاھالىسىنى يۈز كۆلىمى 40-60 كۋادرات مېتىردىن ئاشمايدىغان كىچىك ئۆيلەرگە كۆچۈرۈپ، «ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، ئازراقمۇ بوشلۇق قويماسلىق» ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. 

خىتاي دائىرىلىرى «ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» نى «نامراتلارنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق يۆلەش» قۇرۇلۇشى دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ئىدى. بىراق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنى ئۇيغۇرلارنى يەر-زېمىنلىرىدىن ئايرىشنى مەقسەت قىلغان قۇرۇلۇش، دەپ قارىماقتا. 

ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىمۇ «يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن ئۆي-جاي ۋە زېمىنلىرىدىن ئايرىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دەرۋەقە، رادىيومىز ئىلگىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا قۇمۇلنىڭ مەنزىرىلىك تاغلىق رايونلىرىدىكى يېزا ئاھالىسىنىڭ يۇقىرىقى سىياسەتلەرگە ئاساسەن بىر تۇتاش ھالدا شەھەر ئەتراپىدىكى ھۆكۈمەت سالغان تار-تاپچۇق، تۆۋەن ئىجارىلىك تۇرالغۇلارغا كۆچۈرۈلگەنلىكى، يېرىدىن ئايرىلغان بۇ كىشىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئەمەس، ئەكسىچە تېخىمۇ نامراتلىشىپ، ھۆكۈمەت بەرگەن قۇتقۇزۇش پۇلىغا قاراپ قالغانلىقى مەلۇم بولغان. 

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ «ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇر يېزا ئاھالىلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ، ئۇلارنىمۇ ئوخشاشلا كونترول ئاستىغا ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت