ئادرىيان زېنزنىڭ يېڭى دوكلاتى: «خىتاينىڭ سىياسىتى مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ تۇغۇلۇشىنى ئازايتىش»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.06.07

7-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئائىت بىر يېڭى دوكلاتتا، خىتاينىڭ سىياسىتىنىڭ بۇ رايوندا مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ تۇغۇلۇشىنى ئازايتىش ئ‍ىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يېڭى دوكلاتنى ئامېرىكادىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز تەييارلىغان ئىكەن.

دوكلاتتا خىتاينىڭ تۇغۇتنى كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ 20 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن 2 مىليون 600 مىڭدىن 4 مىليون 500 مىڭغىچە بولغان كىشىنىڭ تۇغۇلۇشىنى ئازايتىش ئ‍ىكەنلىكى، بۇنىڭ مەزكۇر رايوندىكى يەرلىك مىللەت نۇپۇسىنىڭ 3 دىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەزكۇر دوكلات بەزى غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى ئۇيغۇرلارغا «ئ‍ىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلەۋاتقان، بولۇپمۇ ئەنگىلىيە پايتەختى لوندوندىكى بىر مۇستەقىل خەلق سوتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سادىر قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىشقا باشلىغان ھالقىلىق بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، مەزكۇر تەتقىقات دوكلاتى خىتاي تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنىڭ مۇددىئاسىغا ئالاقىدار بۇرۇن ئېلان قىلىنمىغان ماتېرىيال ۋە تەتقىقاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىكەن.

دوكلاتتا خىتاينىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدا تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ 48. 7 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارلىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئادرىيان زېنز رويتېرس ئاگېنتلىقىغا: «بۇ (تەتقىقات ۋە ئانالىز) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر نۇپۇسى توغرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانىنىڭ ھەقىقىي مۇددىئاسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.