خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا يەرلىك خەلقنى كەڭ كۆلەملىك «زوڭزا بايرىمى» نى تەبرىكلەشكە تەشكىللىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.06.10

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يەرلىك مىللەتلەرنى خىتاي خەلقىنىڭ مىللىي بايراملىرىنى تەبرىكلەشكە تەشكىللەپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئورنىغا «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نى ئومۇملاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، يەرلىك خەلقلەرنى خىتايلار بىلەن بىرگە «زوڭزا بايرىمى» نى تەبرىكلەشكە تەشكىللىگەن. دائىرىلەر ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىدىكى ئوقتېرەك كەنتىدەك بەزى يېزا-كەنتلەردە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرايلى» دېگەن تېمىدا «قوشماقلاشقان تۇغقانلارنىڭ زوڭزا بايرىمىنى تەبرىكلەش، زوڭزا مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش، زوڭزا تۈگۈش ۋە يېيىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى تائاملار مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزگەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، «مۇسابىقىگە تاللانغان زوڭزا تۈگۈش ۋە تاماق پىشۇرۇش ماھىرلىرىنىڭ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارغا «زوڭزا مەدەنىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى ھېس قىلدۇرۇلغانلىقى»، مۇسابىقىدە تاللانغان ماھىرلارنىڭ مۇكاپاتلانغانلىقى تەكىتلەنگەن.

زوڭزا بايرىمى خىتايلارنىڭ 4 چوڭ مىللىي بايرىمىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن 2 مىڭ نەچچە يۈز ئاۋۋال ئۆزىنى مىنجياڭ دەرياسىغا تاشلاپ ئۆلۈۋالغان كلاسسىك خىتاي شائىرى چۈ يۈئەننى خاتىرىلەش نامىدا پەيدا بولغان. كېيىنكى ئەسىرلەردە بۇ خاتىرىلەش كۈنى بايرامغا ئۆزگىرىپ، شەرقىي ئاسىيا مەدەنىيەتتە چەمبىرىكىدىكى خەلقلەرنىڭ ئورتاق بايرىمىغا ئايلانغانىدى. 

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ چاغان، چوكانتال قاتارلىق مىللىي بايراملىرىنى مەجبۇرى تەبرىكلەشكە ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپتىن نورۇز، قۇربان ھېيت، روزا ھېيت، دوپپا بايرىمىدەك دىنىي ۋە مىللىي بايراملىرىنى چەكلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى چاغان، چوكانتال بايرىمى، زوڭزا بايرىمىدەك ئەنئەنىۋى خىتاي ھېيت-بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ، ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.