خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «ئۇيغۇر-خىتاي تۇغقانچىلىقى» سىياسىتىنى كۈچەپ قانات يايدۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.08.12

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر-خىتاي تۇغقانچىلىقى» سىياسىتىنى تەشۋىق قىلماقتا. بۈگۈن، يەنى 12-ئاۋغۇست خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلىرى ۋە ئىشچىلىرىنىڭ يوپۇرغا ناھىيەسى يىڭىئاۋات بازىرىغا بېرىپ، «مىللىي ئىتتىپاقلىق ۋە بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك تۇغقانلىشىش» نى داۋاملىق يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر-خىتاي تۇغقانچىلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا تېخىمۇ كۈچەيگەن. دائىرىلەر بىر مىليون 200 دەك خىتاي كادىرىنىڭ «تۇغقانچىلىق» نامىدا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئورۇنلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا بۇ سىياسەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق-مەقسەتلىك ھالدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئاسسىملاتسىيە سىياسىتى، دەپ قارىماقتا.

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۇەنگو يىغىن چاقىرىپ، شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە رايوندا ئاتالمىش مىللەتلەرنىڭ «تۇغقانچىلىقى» نى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇندىن كېيىن ئاتالمىش «مىللەتلەر ئارا تۇغقانلىشىش» ۋەزىپىسىنى بارلىق ئىدارە-ئورگانلارغا ۋەزىپە قىلىپ چۈشۈرۈپ، بۇنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى مۇمكىنكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.