باشئەگىم شەھرىگە 719 نەپەر كەسپىي خادىم قوبۇل قىلىش ئېلانى گۇمان قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-08-18
Share

ئۆتكەن ھەپتىدە بىڭتۇەن 2-دىۋىزىيەسى باشئەگىم شەھرىگە «كەسپىي ئورۇنلار ئېھتىياجى» ئۈچۈن 719 نەپەر كادىر قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. ئۇقتۇرۇشتا بۇ كادىرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى، ئوقۇتقۇچىلىق ۋە سېسترالىق كېنىشكىسى بارلارنى ئالدىن قوبۇل قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. بۇلاردىن 200 نەپىرى مائارىپ ساھەسىگە قوبۇل قىلىنىدىكەن.

ئۇقتۇرۇشتا ئاشكارا ھالدا قوبۇل قىلىش ئوبېيكتىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ياشلار بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نى قوغدايدىغان، «مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر» گە قارشى تۇرىدىغان كىشىلەر بولۇشى لازىملىقى ئېيتىلغان. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشى ئىزچىل مۇشۇ ئاتالمىش «شەرت» لەرگە باغلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. 

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ياشلىرىنى «ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى» دېگەن نامدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى قاتارىدا يۆتكەۋاتقان بولۇپ، مىڭلىغان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشسىز ياكى لاگېرلارغا قامالغان ھالدا تۇرۇۋاتقانلىقى يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقان ئىدى. 

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن دوكتۇر قاھار بارات بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارا ھالدا مۇشۇنداق خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقىرىشى ئۇلارنىڭ مۇستەملىكىچىلىك خاراكتېرىنى يەنىمۇ ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ،» دېدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.