خىتاي دائىرىلىرى نىڭشيا پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يۆتكەپ كەلگەن

خىتاي دائىرىلىرى نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، يىنچۈەن شەھرىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى جاڭ جۇنى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى قىلىپ يۆتكەپ كەلگەن. لېكىن خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەپ كېلىنىش سەۋەبى ۋە كونكېرت قانداق ۋەزىپە ئەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. بۇنىڭ ئالدىدا، يەنى بۇ يىل 3-ئايدا ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىليە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇ خەيلۈن، ۋاڭ جۈنجېڭ، چېن مىڭگو، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۆت نەپەر يوقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارىغا ئۇيغۇرلارنى باشتۇرۇشتا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك جازا ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ۋاڭ جۈنجېڭمۇ تېخى بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋال ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەپ كېلىنگەن ئىدى. خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق ئەمەلدار يۆتكىشىنىڭ ئىمبارگودىن كېيىنلا ئېلىپ بېرىلىشى دىققەت قوزغىدى. خىتايدىكى «مالىيە خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئاشكارلىشىچە، نىڭشيادا تۇغۇلغان 53 ياشلىق جاڭ جۇ تېخى 7 ئاۋۋال يىنچۈەن شەھرىنىڭ پارتكوم سېكرىتارلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەڭ ياش دائىمىي ئەزاسى ئىكەن. جاڭ جۇ يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا نىڭشيادىن يۆتكەپ كېلىنگەن 2-ئەمەلدار ئىكەن.

دائىرىلەر 2018-يىلى 9-ئايدا نىڭشيا پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى جى جېڭنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا يۆتكەپ كېلىپ، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەن. بىراق ئۇ كېيىنكى يىلى 12-ئايدا بېيجىڭغا يۆتكەپ كېتىلگەن ئىدى. جاڭ جۇ خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئۇيغۇرلاردا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىپ، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش سادالىرى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھالقىلىق بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەپ كېلىنگەن.