كېرىيە ناھىيەسىدىكى دەريا بويى يېزىسىنىڭ ئاھالىسى پۈتۈنلەي كۆچۈرۈۋېتىلگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ شىنخۇا تورى 17-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان بىر پارچە خەۋەرگە قارىغاندا، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان قەدىمىي يۇرت دەريا بويى يېزىسىنىڭ ئاھالىسىنى كۆچۈرۈۋېتىش خىزمىتى تولۇق تاماملانغان.

شىنخۇا تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بۇ يىل 27-سىنتەبىر كۈنى دەريا بويى يېزىسىدا قالغان ئاخىرقى 114 ئائىلەنىڭ كۆچۈرۈلگەنلىكى ۋە بۇنىڭ دەۋر بۆلگۈچ خاراكتىرلىق تارىخىي ۋەقە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. 

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن باشلاپ دەريابويى يېزىسىدىكى ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش خىزمىتىنى باشلىغان. ئىستاتېسكىلاردىن قارىغاندا، 1342 نوپۇسقا ئىگە دەريابويى يېزىسىدا جەمئىي 369 ئائىلە بار بولۇپ، بۇ يىل 4-ئايدا خىتاي ئاخباراتلىرى 102 ئائىلىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىگە 90 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر جايدىكى ئوپچە ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. 

شىنخۇا تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئىپتىدائىي ھاياتتىن قۇتۇلالمىغان يېزا خەلقىنىڭ ھازىر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا زامانىۋى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەنلىكىنى داۋراڭ سالغان بولسىمۇ، ئەمما ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد شۇ زېمىنلاردا چارۋىچىلىققا تايىنىپ ياشاپ كەلگەن بۇ ئاھالىلەرنىڭ ئەمدى نېمىگە تايىنىپ جان باقىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. 

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 1980‏-يىللىرى تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ بايقالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، ئەسىرلەردىن بېرى كېرىيەنىڭ 270 كىلومېتىر شىمالىدىكى دەريا بويى يېزىسىدا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى «ئىپتىدائىي ئىنسانلار» دەپ خاتا ئۇچۇر تارقاتقان. شۇنىڭدىن كېيىن دەريا بويى يېزىسى ساياھەتچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ قىزىقىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. 

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دەريابويىدىكى يەرلىك خەلقلەرنى ئەسلىدىكى ئورۇنلىرىدىن يۆتكەپ ئۇلارنى تەبىئىي ياشاش مۇھىتىدىن ئايرىپ تاشلىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق تەكلىماكاندىكى دەريا بويى بوستانلىقلارنى يەنىمۇ كەڭ ئېچىپ، خىتاي كۆچمەنلەرنى يەرلەشتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت