ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 20- ۋە 21-نويابىر كۈنلىرى 10-نۆۋەتلىك 2-ئومۇمى يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 6-ئومۇمى يىغىنىنىڭ قارارلىرىنى رايوندا قانداق ئىجرا قىلىشنى مۇزاكىرە قىلغان. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ۋە 6-ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارلىرىنى بەزى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارالغان شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستىراتېگىيەسى» بىلەن بىرلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، يىغىندا چېن چۇەنگو 6-ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى»، «قوشماق تۇغقانچىلىق»، «دۆلەت تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش»، «ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، «بەشنى ئېتىراپ قىلىش» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 نۇقتىلىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنى ئىجرا قىلىشتا قەتئىي تەۋرەسمەسلىكنى تەكىتلىگەن. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 6-ئومۇمىي يىغىنى «كومپارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىدىكى زور ئۇتۇقلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبەلىرى توغرىسىدىكى قارارى» ناملىق ھۆججەتنى ماقۇللاپ، شى جىنپىڭنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تىكلەنگەن.
ھۆجەتتە ئۇنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە بۇرۇنقىلار ھەل قىلالمىغان ئىشلارنى ھەل قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. بىراق ئۇنىڭ كونكىرېت قانداق ئىشلارنى ھەل قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېر، تۈرمىلەرگە قاماش، كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى» نى ھەل قىلغاندەك مۇستەبىت قىلمىشلىرىنى تىلغا ئېلغان. چېن چۇەنگونىڭ ئېيتىشىچە، «شىنجاڭدا ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سۈرۈپ، ئاشقۇنلۇقنى توسۇش، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش، تۈرلۈك جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇشقا ئاكتىپ يېتەكلەش كېرەك،» ئىكەن.
