خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا «تېررورلۇقنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش» ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى ھەرگىز بوشاشتۇرمايدىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.12.21

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋە تەدرىجىي ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ئايلانغان قەبىھ سىياسىتى ئىزچىل داۋاملاشماقتا. گەرچە خىتاي يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدىكى خەلقنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىغا دائىر كۆپلىگەن تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، بەزى كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا خاتا تۇيغۇ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ يېڭى ئۇسۇللار بىلەن خەلقنى باستۇرۇۋاتقانلىقى، مەسىلەن، ئۇلارنى زاۋۇتلاردا ۋە پاختا ئېتىزلىرىدا قۇل ئورنىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكا «بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تاراتقۇسىنىڭ 21-دېكابىردىكى بىر خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈي گۇيشياڭ بېيجىڭدا ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇر رايونىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ قىلچە بوشاشتۇرۇلمايدىغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ يەنىلا «ئەسەبىيلىكنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش» نى مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز ھازىر ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىپ قالساق بولمايدۇ، چۈنكى بۇ رايوندىكى تەھدىت يەنىلا مەۋجۇت».

بۇ خىتاي ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر رايونىدا قوللانغان تەدبىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەۋاتقان بولۇپ، مۇقىملىقى ساقلاش ئۈچۈن يەنە يېڭى چارىلەرنى ئىزدەۋېتىپتۇ. ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نى تېررورلۇق تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى ئۇلارنىڭ تېررورلۇق قىلىشىغا ئىلھام بەرگەنلىك دەپ قاراپ مۇنداق دېگەن: «4 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا تېررورلۇقنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكى بۇ تەھدىت ۋە خەتەرنىڭ پۈتۈنلەي تۈگىگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ».

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن يېڭى چارىلەرنى ئىزدىشى ئۇلارنىڭ يېڭى شۇملۇقلارنى پىلانلاۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. خىتاينىڭ «بۇ رايوندا يەنىلا تېررورلۇق تەھدىتى بار» دەپ تۇرۇۋېلىشى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ بۇنىڭدىن باشقا باھانىسى يوقلۇقى ۋە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.