خىتاي «2021-يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى خىزمەت يىغىنى» ئاچقان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.09.27

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا «2021-يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى خىزمەت يىغىنى» ئېچىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۈەنگو بۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاي سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىكى بىلەن «شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە ۋە شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى» نىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى، «شىنجاڭنىڭ سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش ۋە يېڭى ئىنشائاتلارنى بەرپا قىلىشنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق ۋەزىيەت يارىتىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا سۇ بايلىقى چەكلىك بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندىكى سۇ مەنبەسىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، بىڭتۇەن مەيدانلىرىغا ئالاھىدە ئېتىۋار بېرىپ، يەرلىك ئورۇنلارنىڭ سۈيىنى قىسىپ كەلگەن. خىتاي يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى سۇ مەنبەسىنى كۆپەيتىپ، خىتاي نوپۇسىنى كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن «بوخەي دېڭىزىنىڭ سۈيىنى تازىلاپ جۇڭغار چۆلىگە باشلاش، تىبەتتىكى يارلۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ سۈيىنى تەكلىماكان چۆلىگە باشلاش» دېگەندەك پىلانلارنى تۈزگەن بولسىمۇ، تېخى ئەمەلگە ئاشۇرالماي كەلگەنىدى. خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ كەلگۈسىدىكى سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىدا سىياسىي مۇقىملىقنى كۆزلىگەن چوڭ قۇرۇلۇشلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.