ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تەربىيەلەش» مەركەزلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا
2023.08.08
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى «بەختىيارلىق ۋە ئىناق جەمئىيەت» ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنى ئىزچىل كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدا ئېچىلغان لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقى ھەققىدىكى باياناتلىرىغا ياندىشىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما يېقىنقى خەۋەرلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر سىستېمىسىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 8-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت شۇ كۈنى ئېچىلغان «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالغا سۈرۈش» تېمىسىدىكى يىغىندا، 2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا «بىر يېرىم مىليون ئادەم قېتىملىق كەسپىي تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى 128 پىرسەنتلىك ئۈنۈم بىلەن تاماملىدى. بۇنىڭ بىلەن 1.93 مىليون ئادەم قېتىمدىن كۆپ كەسپىي تەربىيەلەش ئىشقا ئاشتى» دەپ جاكارلىغان. شۇنداقلا بۇ خىلدىكى «كەسپىي تەربىيەلەش» تە تۈرلۈك ماھارەتلەرنى ئۆگىنىپ چىققانلارنىڭ نۆۋەتتىكى «ئادەم بايلىقىنى قېزىش» تەلىپىنى قاندۇرۇشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي كونتروللۇقىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 8-ئاۋغۇستتىكى تەپسىلىي خەۋىرىدە بولسا، «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 308 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى» دېيىلگەن. شۇنداقلا بۇنىڭ 2023-يىلى 460 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ نازىرى پەرھات جالال بۇ ھەقتە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، «ئۆتكەن يېرىم يىلدا بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى توختاۋسىز كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچىنى يېرىمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلاشقا تىرىشتۇق» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك ۋە يېنىك سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى بازىسىغا ئايلاندۇرۇشىغا ئەگىشىپ، «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەرنىڭ ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە بۇ بازىلاردا قۇرۇلغان تۈرلۈك زاۋۇت-كارخانىلارغا ئىشچىلىققا يۆتكىلىۋاتقانلىقى يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ مەلۇم بولغان ئىدى. نۆۋەتتە يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ھەرقايسى زاۋۇتلارغا تەقسىم قىلىنىشى، شۇنىڭدەك «كەسپىي تەربىيەلەش» نىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋاسىتىلىك ھالدا ئەكس ئەتتۈرىدۇ، دەپ قارالماقتا.