ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدا كادىرلار ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە كىرىپ، «دىنىي رادىكاللىق» نى تۈگىتىش تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى
2016.05.20
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىڭ كىشىلىك كادىرلار قوشۇنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئائىلە ۋە دۇكانلارغا كىرىپ، ئۇلارنىڭ «دىنىي رادىكاللىق» نى تۈگىتىشى، «ئىدىيەسىدىكى مۈجمەل مەسىلىلەر» نى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى«دىنىي رادىكاللىق» ئۇيغۇر رايونىدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دەپ كۆرسىتىپ، روزا تۇتۇش، ھاراق ئىچمەسلىك، ناماز ئوقۇش، ھىجاب ئارتىش، ساقال قويۇش قاتارلىق ئىبادەت ۋە ئىسلامى سىمۋوللارنى رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى، دەپ قاراپ كەلگەن ۋە بۇنى چەكلىگەن.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئۆزىنىڭ يېقىنقى دوكلاتىدا، بۇ خىل قاتتىق دىنىي چەكلىمە نارازىلىقنى كۈچەيتىپ، مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر بۇ ھەرىكەتكە ئۈرۈمچىدىكى مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت، سودا-سانائەت، دىنىي ئىشلار، ئاياللار بىرلەشمىسى، تەنتەربىيە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئورگان ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كادىرلىرىنى سەپەرۋەر قىلغان.
خەۋەردە، مەزكۇر ئائىلە ئىدىيە تەربىيىسىنىڭ نۇقتىلىق قايسى دىنىي گۇرۇھ ياكى مىللەتكە ئېلىپ بېرىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما كادىرلارنىڭ دۆڭكۆۋرۈك، خېجياسەن، بەيگە مەيدانى قاتارلىق رايونىدىكى ئاقما نوپۇس، يەككە تىجارەتچى، رېستوران، ئاشخانا، دۇكان ۋە ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ «ئىدىيەسىدىكى مۈجمەل مەسىلىلەرنى ۋە تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقلار» نى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.









