ئاقسۇدىكى ساقچى تارماقلىرىغا كومپارتىيەگە سادىق بولۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-22
Share

ئۇيغۇر رايونىدا يەنە «پارتىيەگە قەتئىي سادىق بولۇش، ئىنتىزامنى قاتتىق چىڭىتىش» دەيدىغان بىر ھەرىكەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئاقسۇ خەۋەرلەر تورى تارقاتقان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 20-نويابىر كۈنى ئاقسۇدا «2019  يىللىق ج خ ئورگىنىدىكى ساقچىلارنىڭ تاساددىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش كۈچلىرىنىڭ ماھارەت مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلگەن.

بىراق خەۋەردىن قارىغاندا، بۇ مۇسابىقىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ يەنىلا كومپارتىيەگە ساداقەتمەن بولۇشنى تەكىتلەش بولغانلىقى مەلۇم. خەۋەردە مۇسابىقىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنغان: «ۋىلايەتتىكى ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى ۋە بارلىق ج خ كادىر ساقچىلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايدىل ئۆگىنىپ، «پارتىيەگە قەتئىي سادىق بولۇش، «تۆت ئاڭ» نى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى مۇستەھكەملەش كېرەك. سىياسىي جەھەتتىن مەشىقلەندۈرۈش، ساپا جەھەتتىن مەشىقلەندۈرۈش، ئەمەلىي جەڭ جەھەتتىن مەشىقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك».

يېقىندىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ھەرقاتلامدا «پارتىيە بىلەن ئىدىيەدە بىردەكلىكنى ساقلاش، شى جىنپىڭ ئىدىيەسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەسلىك» نى قاتتىق تەكىتلەۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىگە ئالاقىدار ئىچكى ھۆججىتىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە. چۈنكى «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى بۇ ھۆججەتلەرنى خىتاينىڭ سىياسىي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى بىر كىشىدىن، يەنى شى جىنپىڭ قاتارلىقلارنىڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇن ئۈچۈن جازاغا تارتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بىر كىشىدىن ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت