«لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈريولى» غا يۇقىرى سۈرئەتلىك ئىككىنچى يول قوشۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-07-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«خىتاي ياشلار گېزىتى» نىڭ 2-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈريولى لېنىيەسى» گە يېڭىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك قاتناش يولى قوشۇش قۇرۇلۇشى 30-ئىيۇن رەسمىي باشلانغان.

خەۋەردە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى» نىڭ مۇھىم ئۆتكۈنچى ماكانى بولغان خېشى كارىدورىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇش ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن لەنجۇ تەۋەسىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا بارىدىغان يولۇچىلار ئۈچۈن ترانسپورت ۋاسىتىسى بولۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تاماملىنىشىغا تۆت يىل ۋاقىت كېتىدىكەن. ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «ئەسلىدىكى تۆمۈر يول لېنىيەلىرى بار بولسىمۇ، يېڭىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ قوشۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قېتىملىق غايەت زور كۆلەملىك نوپۇس كۆچۈرۈش پىلانىنىڭ بېشارىتى،» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت