ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى ئىزچىل ئاشماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-08-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندىن بۇيان كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىدە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاجسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمىدا بىمارلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقى مەلۇم. 5-ئاۋغۇستتىكى خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى كۈننىڭ ئۆزىدە يېڭىدىن 22 يۇقۇمدار بايقالغان. ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۈرۈمچىدە بولۇپ، ھازىرچە باشقا جايلارغا زور كۆلەمدە تارقىلىش ئەھۋالى بايقالمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۈي يەن شۇ كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «ئۈرۈمچىدىن بايقالغان ھازىرقى ۋىرۇس ئەۋرىشكىلىرىنىڭ شەكلى ئاساسەن بىر خىل بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئوخشاش بىر مەنبەدىن تارقالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،» دېگەن. ئەمما بۇ مەنبەنىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى ئېيتمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇخەندىكى تاجسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدە ئىزچىل يالغان ئۇچۇر تارقىتىپ كەلگەنلىكىنى ئەسلەتكەن ئانالىزچىلار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ھەقىقىتىدىن گۇمان قىلماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولۇپ قالغان ھەمدە مەنبەسى سىرلىق بولۇۋاتقان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەرگە ئېلىپ بېرىشى نۆۋەتتە نۇرغۇن كىشىنى ئەندىشىگە سالماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت