ئۇيغۇر ئېلىدە تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 637 گە ئۆرلىگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-08-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 5-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن 24:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەر سانىنى 27 نەپەر دەپ ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 637 نەپەر، كۆزىتىش ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئادەم سانى 17301 نەپەرگە يەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى يېڭىدىن يۇقۇملانغان 27 نەپەر كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق بۈگۈن خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ئىنگلىزچە تارقاتقان بىر خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەردىن يولغا چىقىپ، ئالدى بىلەن شاڭخەي، ئاندىن خاڭجۇغا يېتىپ كەلگەن ۋاڭ فامىلىلىك 19 ياشلىق بىر خىتايغا تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان، دەپ دىئاگنوز قويۇلغان. ئەمما ئۇنىڭدا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى يوق بولۇپ، 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ۋاڭ فامىلىلىك كۆز ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرۇشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئىككى خىل يۇقۇم تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلغان، نەتىجىدە ھەر ئىككى تەكشۈرۈشتە مۇسبەت نەتىجە چىقىپ، ئۇنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.

خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە قەشقەردە يۇقۇملانغۇچى سانىنى بىر نەپەر دەپ ئېلان قىلغان ۋە ئۇنىڭمۇ ئۈرۈمچىدىن كەلگەنلىكىنى دەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق يۇقىرىقى بۇ خەۋەر قەشقەردىكى يوشۇرۇن خەۋپنىڭ خېلى يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئائىت ئىستاتېسكىلار ئىنتايىن چەكلىك، بىراق يۇقۇمنى تىزگىنلەش ئۈچۈن قوللىنىلىۋاتقان تەدبىرلەر دەرىجىدىن تاشقىرى. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى «نۇقتىلىق رايون» ۋە «نۇقتىلىق كىشىلەر توپى»، «يۇقۇملىنىش خەۋپى يۇقىرى»، «ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپى» دەپ ئاتالغان گۇرۇپپىلارغا قارىتا 3-نۆۋەتلىك نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر يەنە كادىر-خىزمەتچىلەرنى يۇقۇمنى تىزگىنلەش خىزمەتلىرىگە كەڭ كۆلەمدە تەشكىللەۋاتقان بولۇپ، پەقەت ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىدىلا 12 مىڭدىن ئارتۇق ئاتالمىش «ئىتتىپاق ئەزاسى» «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىيلار ھەرىكىتى» دېگەندەك ۋەزىپىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت