خىتاي كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى ئاستىدىكى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يەنىلا ئىشلەشكە مەجبۇرلىماقتا ئىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-08-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كورونا ۋىرۇسى ئۇيغۇر دىيارىدا قايتا تارقىلىپ، خىتايدىكى ئەڭ ئېغىر يۇقۇم رايونىغا ئايلانغان ۋە نۇرغۇن جايلار قامال قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى يەنىلا زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىشلەشكە كەڭ كۆلەملىك تەشكىللەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئەنگلىيە «ئېكسپرەس» گېزىتىنىڭ 10-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمتالى-تىكتوكتىكى ۋېدىيولار خىتاينىڭ كارانتىن ئاستىدىكى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن.

خەۋەردە بۇ ۋېدىيولاردا سېرىق ۋە كۆك چاپانلىق نۇرغۇن ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ ئاپتوبۇس ۋە ئايرودروملاردىكى كۆرۈنۈشى بارلىقى، بۇ ۋېدىيولارنىڭ «شىنجاڭ خىتايدىكى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئەڭ قاتتىق ئىزتىراپىنى چېكىۋاتقان مەزگىلدە تارقالغانلىقى»، ھالبۇكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قامال قىلىنىپ، ھاۋا قاتنىشى ئاساسەن توختىغانلىقى، پۇقرالارنىڭ تالاغا چىقىشى چەكلىنىپ، ئاممىۋى قاتناشنىڭ توختىغانلىقى تەكىتلەنگەن. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا يۇقۇمنىڭ كونترول قىلىنىپ، يۇقۇمدارلارنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقى، خەلقنىڭ ھەقسىز داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا گۇمان بىلەن قاراپ كەلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە كومىتېتىنىڭ 11-ئىيۇل تەكىتلىشىچە، 10-ئىيۇل كۈنىگىچىلىك رايوندا 13 نەپەر يەڭ يۇقۇمدار بايقالغان بولۇپ، يۇقۇمدارلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدە ئىكەن. مەزكۇر ئورگاننىڭ ئۇچۇرىدا رايون مىقياسىدا شۇ كۈندىكى ئومۇمىي يۇقۇمدارلارنىڭ 567 نەپەر ئىكەنلىكى، 15658 نەپەر كىشىنىڭ كارانتىن ئاستىدا ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، لاگېردىكى تۇتقۇنلار ۋە زاۋۇت كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ ئەھۋالى ئۇلارنى ئەندىشىگە سالماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت