خىتاي دائىرىلىرى 16-ئاۋغۇست ئۇيغۇر دىيارىدا يېڭى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنىڭ بايقالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
2020.08.17
خىتاي دائىرىلىرى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى قايتا تارقىلىپ، خىتايدىكى ئەڭ ئېغىر يۇقۇم رايونىغا ئايلانغان ئۇيغۇر دىيارىدا 16-ئاۋغۇست ھېچقانداق يېڭى يۇقۇمدارنىڭ بايقالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدە ۋىرۇس ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلاردىن پەقەت بىرى بايقالغان. دائىرىلەر بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىمۇ يۇقۇم خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلەرىدە تازا ئەۋجىگە چىققان مەزگىلدە يۇقۇمنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا توختىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىدا ئىشلەشكە يوللىغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە كومىتېتىنىڭ 17-ئاۋغۇست ئېلان قىلىشىچە، 16-ئاۋغۇست كۈنى شىنجاڭ ئىشلەپچىرىسىھ-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر رايوندا ھېچقانداق يېڭى يۇقۇمدار بايقالمىغان. لېكىن كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندا يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرى بىلەن ئۇنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلىرى ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 13-ئاۋغۇست چاقىرىلغان ۋىدېيو يىغىنىدا «نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يەنىلا ئېغىر ۋە مۇرەككەپلىكى»، كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ بوشاشتۇرۇپ قويۇلماسلىقى تەلەپ قىلىنغان. يۇقۇمنىڭ 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قايتا تارقىلىشى بىلەن رايوندا قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇپ، مەھەللە ۋە ئولتۇراق رايونلار قامال قىلىنغان. ئۈرۈمچىدەك بەزى جايلاردا پۇقرالار ئۆيلىرىگە نەزەربەند قىلىنغان ئىدى. «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 16-ئاۋغۇست كۈنى رايوندا دىئاگنوز قويۇلغان مەۋجۇت يۇقۇمدارلار 378 گە، كارانتىندىكى گۇمانلىق يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 9446 گە چۈشكەن.









