خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى: «شىنجاڭدا يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىنىڭ بايقالماسلىقى، يۇقۇمنىڭ قايتىدىن يۈز بەرمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ»
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر بىر قانچە كۈندىن بۇيان رايوندا يېڭى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بايقالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. ھالبۇكى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى قامالنى ئاياقلاشتۇرماسلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
-
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-08-20 -
-
-
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر بىر قانچە كۈندىن بۇيان رايوندا يېڭى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بايقالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. ھالبۇكى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى قامالنى ئاياقلاشتۇرماسلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر ئىشخانىسى مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 19-ئاۋغۇست سائەت 0:00 دىن 24:00 گىچە ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ بايقالمىغانلىقىنى، يۇقۇم ئالامىتى يوق كېسەللەرنىڭمۇ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كانىيى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 20-ئاۋغۇست تارقاتقان بىر خەۋىرىدە «شىنجاڭدا يېڭى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بايقالماسلىقى، يۇقۇمنىڭ قايتىدىن يۈز بەرمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ،» دېگەن.
مەزكۇر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 17-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچى دائىرىلىرى «شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا ئېنىق ئەمەس، يېڭى يۇقۇمنىڭ كۆرۈلمەسلىكى ھەرگىزمۇ خەۋپ يوق دېگەنلىك ئەمەس،» دېگەن. خەۋەرگە قارىغاندا، ھازىر ئۈرۈمچىدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئۇچراشقان دېگەن سەۋەب بىلەن 9000 دىن ئارتۇق ئادەم كۆزىتىش ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، يەنە 126 نەپەر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىمۇ بار ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەكرارلىنىش ئېھتىماللىقىنى بۇنچە تەكىتلىنىشى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق يۇقۇم ئەھۋالىدىكى جىددىي ئۆزگىرىشكە نىسبەتەن ئۆزلىرىگە چېكىنىش يولى ئېلىپ قويۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلىۋاتقان سانلىق مەلۇماتلار بىلەن يۇقۇمغا قارشى ئېلىنىۋاتقان تەدبىرلەر ئارىسىدىكى زور تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئىزچىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ كەلمەكتە. كۆزەتكۈچىلەر يەنە خىتاينىڭ رايوندىكى يۇقۇمغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلاردا ساختىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.