ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاھالىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ رايوندىكى رادىكال كارانتىن تەدبىرلىرىنى ئەيىبلىگەن

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاھالىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقۇمغا قارشى مەزكۇر رايوندىكى رادىكال كارانتىن تەدبىرلىرىنى ئەيىبلىگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۈزلىگەن يەرلىك ئاھالە يېقىنقى كۈنلەردە يەرلىك ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە پىكىر يېزىپ، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ پۇقرالارنى ئۆيىگە نەزەربەند قىلىشىدەك قوپال كارانتىن تەدبىرلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاھالىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقۇمغا قارشى مەزكۇر رايوندىكى رادىكال كارانتىن تەدبىرلىرىنى ئەيىبلىگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۈزلىگەن يەرلىك ئاھالە يېقىنقى كۈنلەردە يەرلىك ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە پىكىر يېزىپ، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ پۇقرالارنى ئۆيىگە نەزەربەند قىلىشىدەك قوپال كارانتىن تەدبىرلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ رايوندا قايتا پەيدا بولۇشى بىلەن دائىرىلەر ئۈرۈمچىنى پۈتۈنلەي قامال قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ تالاغا چىقىشىنى چەكلىگەن. دائىرىلەر بۇ جەرياندا رايوندا جەمئىي 902 نەپەر يۇقۇمدارنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى

يەرلىك دائىرىلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ پۈتۈنلەي توختىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كارانتىن تەدبىرلىرىنى ھازىرغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. بۇ ئەھۋال چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقۇمنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق خورلاۋاتامدۇ، دېگەن سوئال پەيدا قىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئاھالىلەرنىڭ يەرلىك ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبىرلەردىكى نارازىلىق پىكىرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاھالىلەر ئۆز نارازىلىقىنى خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلىرىدىكى مىكروبلوگ مۇنبەرلىرىدە ئىپادىلىمەكتىكەن.

خەۋەردە، بىر تورداشنىڭ «نېمە ئۈچۈن ھېچقانداق يۇقۇم بايقالمىغان ۋىلايەتلەردىكى قامال بىكار قىلىنمايدۇ، نېمە ئۈچۈن پۈتۈن شىنجاڭ قامال قىلىنىدۇ» دەپ سوئال قويۇپ، مىڭلىغان ياقتۇرۇشقا ئېرىشكەنلىكى، يەنە بىر پىكىردە «ئىشىكلەر پېچەتلىنىپ، ئىشچىلار ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. كۈندىلىك بۇيۇملارنىڭ باھاسى ئۆرلەپ……. مەن سېتىۋالغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى» دېيىلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە يەنە مىكروبلوگ، ئۈندىداردا تارقىتىلغان سۈرەتلەردە تالاغا چىققان كىشىلەرنىڭ قولىغا ئىشكەل سېلىنىپ، مەھەللە دەرۋازىلىرىغا زەنجىردە باغلاپ قويۇلغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا يۇقۇمغا قارشى رادىكال كارانتىن تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يۇقۇمنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلدى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org