ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىرۇس يۇقۇمى يېڭى ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلماقتا

يېقىنقى بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىن مەلۇم بولۇۋاتقان تۈرلۈك ئۇچۇرلار «تولۇق كونتروللۇق ئاستىغا ئۆتتى» دەپ جاكارلانغان تاجسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن پاجىئەلىك قىسمەتلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارا قىلىشقا باشلىدى.

يېقىنقى بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىن مەلۇم بولۇۋاتقان تۈرلۈك ئۇچۇرلار «تولۇق كونتروللۇق ئاستىغا ئۆتتى» دەپ جاكارلانغان تاجسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن پاجىئەلىك قىسمەتلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارا قىلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان «ئۇرۇش تەييارلىقى» ھالىتىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كىشىلەر تەسەۋۋۇرىدىن كۆپ ئېغىرلىقىنى ۋاسىتىلىك ھالدا كۆرسەتتى. تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس باھانىسىدە ئۇيغۇرلارغا بولغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا تۈرلۈك ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى.

كىشىلەرنىڭ ئۆز ئۆيلىرىگە قامىلىپ قالغىنىغا نەچچە ھەپتىدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ ھالنىڭ ئۈرۈمچى سىرتىدىكى ھېچقانداق ۋىرۇس بايقالمىغان جايلاردىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىنىشى زور گۇمان قوزغاشقا باشلىدى. بىر قىسىم ئۇچۇرلاردىكى سىنلىق بايانلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەخسۇس ئىشلەنگەن «سىرتقا چىقىش گۇۋاھنامىسى» تارقىتىلغان بولۇپ، مۇشۇ خىل گۇۋاھنامىسى بولمىغان كىشىنىڭ سىرتقا چىقىشى مەنئى قىلىنغان. ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ماشىنا-ماشىنىلاپ سۈت، يېڭى پىشقان مېۋە-چېۋە ۋە باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شەھەر-بازارلارغا يۆتكەش ئۈچۈن «سىرتقا چىقىش گۇۋاھنامىسى» ئالالماسلىق سەۋەبىدىن ئەخلەتنىڭ ئورنىدا تاشلاشقا مەجبۇر بولۇشى مەزكۇر گۇۋاھنامىنىڭ ناھايىتى ئاز ساندىكى «ئالاھىدە» كىشىلەرگىلا بېرىلىدىغانلىقىنى ئىشارە قىلىدىكەن.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «تېز پوچتا» گېزىتىنىڭ 24-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 17-ئاۋغۇست كۈنىدىن باشلاپ يېڭىدىن بايقالغان ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى نۆل بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەۋاتقان بولغاچقا ھازىرغىچە بۇ خىل قاتتىق «ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى» نىڭ داۋام قىلىشى كۆپلىگەن ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ تېخى ھېچقانداق داۋاسى بايقالمىغان نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا كىشىلەرنىڭ ئىزچىل نامەلۇم دورىلارنى ئىچىشكە مەجبۇرلىنىشى ھەمدە كۆپلىگەن نامەلۇم تېببىي تەكشۈرۈشلەرگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلىنىشى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەردە «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ۋىرۇسنى باھانە قىلىپ باشقا بىرەر مەقسەتنى كۆزلەۋاتامدۇ قانداق» دېگەن پىكىرنى پەيدا قىلىشقا باشلىغان. شۇ جايدىكى كىشىلەردىن بىرى بۇ خىلدىكى كارانتىن تەدبىرلىرىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ «ھەممە ئادەم ئۆيلىرىگە قامىلىپ قالغان مۇشۇ پەيتتە ناۋادا يەر تەۋرىسە ياكى باشقا بىرەر ئېغىر ئاپەت بولۇپ قالسا بىز نەگىمۇ قاچالايمىز؟» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارى قامال ئاستىدا بولۇپ، بەزىلەر نۆۋەتتىكى «ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى» نىڭ خىتايدىكى ھېچقانداق ئۆلكىدە بۇ دەرىجىدە ئىجرا قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتىكەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org