قەشقەردىكى ۋىرۇس يۇقۇمى داۋاملىق ئۆرلىمەكتە

قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى تاجسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمى داۋاملىق كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، 4-ئۆكتەبىرگە قەدەر يېڭىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ بايقالغانلىقى خىتاي ئاخباراتلىرىدىن مەلۇم بولماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانىيى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئېنىق دياگنوز قويۇلغان ۋىرۇس يۇقۇمدارى ئىككى نەپەر، ئالامەتسىز يۇقۇمدارلىرى 116 نەپەر بولغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل ۋىرۇس يۇقۇمى ھەققىدە ھەقىقىي ساننى يوشۇرۇشتەك قىلمىشى تۈپەيلىدىن ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى يەنىلا نامەلۇم ھالدا ئىكەن.

«يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 4-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھازىر ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئالامەتسىز يۇقۇمدارلار سەۋەبىدىن بۇ ۋىرۇسنىڭ تېخىمۇ كەڭ رايونغا تارقىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە ئىكەن. فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ياردەمگە كەلگە يۇقۇملۇق كېسەللىك مۇتەخەسسىسى جياڭ چڭۋۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئالامەتسىز بىمارلار بايقالماي قالسا ۋىرۇس ئۇلاردىن باشقا جايلاردىكى باشقا كىشىلەرگە تارقىلىدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى بەزى ئانالىزچىلار نۆۋەتتىكى قامال تەدبىرلىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق داۋام قىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە ۋىرۇس يۇقۇمىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە داۋام قىلىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئالماقتىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى قاتتىق كونترول قىلىشى ئارقىسىدا بۇ قېتىمقى ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە كۆپلىگەن گۇمانلىق نۇقتىلار مەۋجۇت بولماقتىكەن.