خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ توختىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.11.09

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنىڭ بايقىلىشىنىڭ توختىغانلىقى، 8-نويابىر كۈنى رايوندا ھېچقانداق يۇقۇمدار بايقالمىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 9-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە كومىتېتى يەكشەنبە كۈنى رايوندا كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدار بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ تۇنجى يۇقۇم 24-ئۆكتەبىر قەشقەرنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسىدىكى بىر كارخانىدا ئىشلەيدىغان 17 ياشلىق بىر قىزدا بايقالغان 2 ھەپتىدىن بېرى تۇنجى قېتىم يۇقۇمدار بايقالمىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدۇر.

لېكىن كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ رايوندىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئىزچىل گۇمان بىلەن قاراپ كەلگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى، يەنى 7-نويابىر كۈنى قەشقەردە ئىككى نەپەر كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدار بايقالغانلىقى، يۇقۇمدارلارنىڭ كارانتىنغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، دائىرىلەر 8-نويابىر يەكشەنبە كۈنى رايوندىكى رەسمىي يۇقۇمدارلارنى 59 نەپەر، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلارنى 306 نەپەر، دەپ ئېلان قىلغان.

سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، رەسمىي يۇقۇمدارلارنىڭ ھەممىسى قەشقەردە، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلار قەشقەر بىلەن قىزىلسۇدا ئىكەن. بۇنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سۇن چۈنلەن قاشقەر بىلەن قىزىلسۇنى زىيارەت قىلىپ، رايوندا يۇقۇمغا قارشى جىددىي تەدبىرلەر ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا «كەسكىن» ئىكەنلىكى، يۇقۇمغا قارشى «ئۇرۇش ھالىتى» نى داۋاملىق ساقلاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.